رەسمىي ھالدا ئافغانىستاندا پۇقرالارنى قىرغىن قىلىش دەپ ئېتىراپ قىلغان ئاۋىستىرالىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش نىسبىتى ئۆرلىمەكتە.
ئاۋىستىرالىيە ئارمىيىسىنىڭ يېقىن مەنبەلەرگە قارىغاندا، يېقىنقى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە جەمئىي 9 ئاۋىستىرالىيە ئەسكىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغاب.
ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئەسكەرلەرنىڭ بىرى ئايال ، سەككىز ئادەم ئەر بولۇپ، تىلغا ئېلىنغان ئەسكەرلەر ئىلگىرى ئافغانىستاندا خىزمەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئاۋسترالىيە ئارمىيىسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ھەركەتلىرى
3 ھەپتە ئىچىدە 9 ئەسكەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى ئاۋىستىرالىيە ئارمىيىسى ئۈچۈن يۇقىرى نىسبەتتە ئىكەنلىكى، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشنىڭ ئارقىسىدا ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش جىنايىتىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئەندىشىسى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ يىل 56 نەپەر سابىق ئەسكەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. 2019-يىلىدا بولسا 40 نەپەر ئەسكەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
مەلۇمكى ، سابىق ئەسكەرلەردە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بۇ ئۇرۇش جەريانىدا يۈز بەرگەن جاراھەتتىن كېلىپ چىققان. 2002-يىلدىن 2017-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش نىسبىتى ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن% 18 يۇقىرى بولغان.
ئارمىيە ئۇرۇش جىنايىتىنى ئىتراپ قىلدى
ئاۋىستىرالىيە ئافغانىستان ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئەسكەرلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى.
ئاۋىستىرالىيە ئەسكەرلىرى 2005-يىلدىن 2016-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئافغانىستاندا كەم دېگەندە 39 پۇقرانى ئۆلتۈردى.
كامپبېل ئايرىم-ئايرىم 23 ۋەقەدە ، 19 ئاكتىپ ۋە پىنسىيەگە چىققان ئاۋىستىرالىيە ئەسكىرىنىڭ 39 پۇقرانى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى. ئەسكەرلەرنىڭ پۇقرالارنى قەستەن ئۆلتۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان.
كامپبېل تىلغا ئېلىنغان ئەسكەرلەرگە قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش جىنايىتى
ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئافغانىستاندىكى ھەربىي ئىشغالىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىملىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئاۋىستىرالىيە ئارمىيىسىنىڭ تارىخى ئۇزۇن.
دائىرىلەر ئاۋىستىرالىيە ئارمىيىسى 2005-يىلدىن 2016-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇرۇش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان جەمئىي 55 ئايرىم ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
2012-يىلى مايدا ئاۋىستىرالىيە ئارمىيىسى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرۇزگان ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىدا پۇقرالارنى قىرغىن قىلغان ۋاقىتلارنىڭ سۈرەتلىرىمۇ بۇ يىل مارتتا پەيدا بولدى.
ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى زىيىنى
ئاۋىستىرالىيە ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىكى ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى 10 دۆلەتنىڭ بىرى.
رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، ھازىرغا قەدەر بۇ دۆلەتتىكى توقۇنۇش ۋە ھۇجۇملاردا جەمئىي 41 ئاۋىستىرالىيە ئەسكىرى قازا قىلغان ، 261 ئادەم يارىلانغان.
2020-11-23
مەنبە:Mepa News