ئەزەربەيجان ئارمىيىسىنىڭ ئەرمېنىيە ئارمىيىسىگە قارشى 44 كۈندىكى تارىخى غەلىبىسى ئامېرىكا ئارمىيىسى دىققەت مەركىزىدە بولدى. بەشبۇرجەكلىك بىنادىكى بىر پېشقەدەم گېنېرال مۇنداق دېدى: قاراباغدىكى ھەربىي ھەرىكەت بىزگە كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشلاردا ۋەقەلەرنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا شارائىت ھازىرلاپ بەردى، خىتاي بىلەن روسىيەمۇ بۇ تاكتىكىلارنى ئىشلىتەلەيدۇ، ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇ خىل رايون توقۇنۇشىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشى كېرەك.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى «بەشبۇرجەكلىك بىنا» ئەزەربەيجان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشىدا دۈشمەنگە قارشى قوللانغان تاكتىكىسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.
كىملىكىنى ئاشكارلىمىدى
ئامېرىكا ئارمىيىسىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرال مۇنداق دېدى: قاراباغدىكى ھەربىي كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشلاردا ۋەقەلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا يول ئاچىدۇ.
گېنېرال مۇنداق دېدى: ناگورنو-قاراباغدا ئەزەربەيجان ئارمىيىسى رازۋېدكا قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە «كامىكازې ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى» ئىشلىتىپ ئەرمېنىيەنىڭ برونىك ماشىنىلىرىنى تېزلىكتە ۋەيران قىلدى.
خىتاي ۋە روسىيە بۇ تاكتىكىنى ئىشلىتەلەيدۇ
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكا گېنېرالى مۇنداق دېدى: «بۇ تاكتىكا ئەزەربەيجان ئارمىيىسىنىڭ ئەرمېنىيە قىسىملىرىنى تېزدىن مەغلۇب قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەردى. بەلكىم كەلگۈسىدە خىتاي ياكى روسىيە ئارمىيىسى ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇشتا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاكتىكىلارنى قوللىنىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ، ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇ خىل رايون توقۇنۇشىنىڭ تەجرىبىسىنى ئۆگىنىشى كېرەك ».
2020-11-24
مەنبە: YenıŞafak