تۈركىيە بىلەن روسىيەنىڭ ناگورنو-قاراباغدىكى كۆزىتىش نۇقتىلىرىدا ئىختىلاپ يۈز بېرىۋاتىدۇ.
ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن رېيتېر ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلغان بىر تۈرك ئەمەلدارى، ناگورنو قاراباغ مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىختىلاپ ئەنقەرەنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنىدا قۇرماقچى بولغان مۇستەقىل كۆزىتىش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇستەقىل كۆزىتىش نۇقتىلىرىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەمەلدار، روسىيە تەرەپ رايوندىكى ئورتاق كۈزىتىش نۇقتىسى سىرتىدا ئەنقەرەنىڭ مۇستەقىل كۆزىتىش نۇقتىسى قۇرۇشىنى«زۆرۈر بولغان كۆز قاراش» ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە مەنبەلىرىنىڭ رېيتېر ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، موسكۋا بىلەن بۇ مەسىلىدە كېلىشىمنىڭ مۆلچەرلىنىدىغانلىقىنى ۋە سۆھبەتنىڭ رۇسىيەدە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ناگورنو-قاراباغ جەريانى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ناگورنو-قاراباغ رايونىدا 27-سېنتەبىر باشلانغان توقۇنۇش ئاخىرى 10-نويابىر روسىيە ئارلىشى نەتىجىسىدە كېلىشىم بىلەن ئاخىرلاشتى.
ئىمزالانغان كېلىشىم دائىرىسىدە ، رايوندا ئۇرۇش توختىتىشنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئورتاق كۆزىتىش نۇقتىلىرى تەسىس قىلىش قارار قىلىندى.
2020-11-24
مەنبە: Mepa News