فرانسىيە «”Muslim Pro” ناملىق دۇئا ۋە ناماز سائىتى دېتالى ئابونتلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ساتتى» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن جىنايى ئىشلار سوتى ئەرىز تاپشۇرۋالدى.
پارىژ تەپتىش مەھكىمىسىگە بارغان ئون نەچچە ئىشلەتكۈچى شەخسىي ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەش، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ئىشەنچكە خىلاپلىق قىلىش ، كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈش ۋە قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.
بۇ ئەرزنىڭ مەنبەسى Vice تور بېتىنىڭ 16-نويابىردىكى “Muslim Pro”ھەققىدىكى خەۋەرلىرىگە ئاساسەن بۇ تور بېكەتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كىشىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن دۇئا ۋە ناماز ۋاقتىنى دوكلات قىلىدىغان بۇ دېتال ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى X-Mode غا سېتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ شىركەت دۇنيا مىقياسىدا سانلىق مەلۇمات سېتىۋالىدىكەن. بۇ خەۋەردىن بىر كۈن كېيىن، سىنگاپوردىكى قوللىنىشچان پروگراممىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ X-Mode قاتارلىق بارلىق سانلىق مەلۇمات سېتىۋالغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2020-11-25
مەنبە: euronews