ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى روسىيە قوللىغان قىسىملارنىڭ ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى (QHA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباس رايونىنى ئىشغال قىلغان روسىيە قوللىغان قوراللىق كۈچلەر بۇ رايوندىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە بىر قېتىم بۇزغان.
ئۇكرائىنا ئارمىيىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، روسىيە قوللىغان كۈچلەرنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە تۆت قېتىم ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغانلىقى ، بىر نەپەر ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
ئۇكرائىنا ئارمىيىسى بىلەن دونباسنى ئىشغال قىلغان روسىيە قوللىغان قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى 27-ئىيۇل بۇ رايوندا كۈچكە ئىگە بولغان.
دونباسدىكى قوراللىق توقۇنۇش 2014-يىلى رۇسىيە قىرىم ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن باشلانغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ، 2014-2019-يىللىرى ئارىسىدا دونباستا تەخمىنەن 13.200 ئادەم ئۆلگەن.
2020-11-26
مەنبە: Mepa News