روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سېرگېي لاۋروۋنىڭ موسكۋادا لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھافتەرنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقدىشى توبرۇك ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئاكىلە سالىھ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
سېرگېي لاۋروۋ كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن سۆز قىلىپ، لىۋىيەدە ئۇزۇندىن بېرى ئۇرۇشنىڭ توختىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
ئۇ 2020-يىلى ئاۋغۇستتا لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز ئەسساراج بىلەن سالىھنىڭ كۆرۈشۈشى، سىياسىي مۇساپىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەسىلىلەر بار بولسىمۇ، سىياسىي مۇساپە داۋاملىشىۋاتىدۇ ۋە بارغانسېرى تېزلىشىۋاتىدۇ» دېدى.
ئۇ لىۋىيەدە مەسىلىلەر بالدۇر ھەل قىلىنغان ۋە توقۇنۇشلاردىن كېيىن نورمال ھاياتقا قايتىش باشلانغان ئەھۋالدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېزلا قايتىدىن ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
لاۋروۋ-سالىھ كۆرۈشۈشى ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى. كۆرۈشۈشكە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.
لىۋىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان توبرۇك شەھىرىنىڭ ئاكىلە سالىھ رەھبەرلىكىدىكى ئاۋام پالاتاسى، غەيرىي رەسمىي قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھافتەرنى قوللايدۇ.
سالىھ خەلىفە ھافتەرنى «مارشال» دەپ ئېلان قىلغان ۋە پايتەخت تىرىپولىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن باشلىغان ئۇرۇشنى قوللىغان ئىدى.
ب د ت باشچىلىقىدا تۇنىستا ئېچىلغان لىۋىيە دىيالوگ مۇنبىرىدە، لىۋىيە ئۆتكۈنچى مۇساپىسىنى 2021-يىلى دۆلەت بايرىمى بولغان 24-دېكابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، سالىھنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلدە پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان كېڭەش رەئىسى بولۇشنى تەلەپ قىلىشى سەۋەبىدىن بۇ جەريان توختاپ قالغان ئىدى.
2020-11-28
مەنبە: TRTHABAR