ئىگىلىنىشچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىر ئاي ئىچىدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئىككىنچى ياردەم ئەۋەتكەن.
پاكىستان ھۆكۈمىتى بەش مىليون سۈرىيە لىراسى، شۇنداقلا مەكتەپ ئۈستىلى، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بۇيۇملىرىنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ لازىقىيا ۋىلايىگە ئىئانە قىلدى.
مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، خىتاي ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە قوغداش ئەسلىھەلىرى ئەۋەتتى.
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى پاكىستان تەمىنلىگەن ياردەمنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لازىقىيا ۋالىيسى ئىبراھىم ھادىر ئەل سالىم پاكىستاننىڭ ئەزەلدىن «سۈرىيەنىڭ يېنىدا» ئىكەنلىكىنى ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر دوستلۇقنىڭ بارلىقىنى بايان قىلدى.
پاكىستاننىڭ سۈرىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەيىد مۇھەممەد خان لازىقىيا ۋالىيسى ئىبراھىم ھەيدەر سالىم بىلەن كۆرۈشتى (2020-يىلى 25-نويابىر)
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى
پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىن ئېلىپ كېلىنگەن شىئە قوراللىق كۈچلىرى ئىران تەرىپىدىن سۈرىيەدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى سېپىدە ھەربىي جەھەتتىن ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ پاكىستان يېقىندىن بۇيان سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا ئېنىق پوزىتسىيە تۇتمىدى.
ئۇزۇندىن بۇيان چوڭقۇر ئىقتىسادىي چۈشكۈنلۈك ۋە خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمىغا دۇچ كەلگەن بۇ دۆلەتنىڭ ئىسمى يېقىندا سۈرىيەنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قىلغان ياردىمى بىلەن كۈن تەرتىپىگە كېلىشكە باشلىدى.
2020-11-29
مەنبە: Mepa News