تۈنۈگۈن ئىراندا يادرو فىزىكا ئالىمى Muhsin Fahrizade قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكنىڭ USS Nimitz ئاۋىئاماتكىسى ئوتتۇرا شەرققە قايتىشقا بۇيرۇلدى.
بۇيرۇققا بىنائەن ، ئاۋىئاماتكا ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان پاراخوت گۇرۇپپىسى ھەرىكەتكە كېلىپ رايونغا قايتىپ كەلدى.
ئامېرىكا CNN تېلېۋىزىيىسى بىلەن سۆھبەتلەشكەن ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى پاراخوتنىڭ بۇ رايونغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى دەلىللىدى.
ئامېرىكىنىڭ USS Nimitz ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ئۇرۇش پاراخوتى يېقىندا دېڭىز قولتۇقىدىن چىقىپ، ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن مالابار مانېۋىرىغا قاتناشتى.
مۆلچەرلىنىشىچە، پاراخوت گۇرۇپپىسىنىڭ رايونغا قايتىش قارارى تۈنۈگۈن ئىراندا فاھرىزادەنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېلىپ چىققان.
فاھرىزادا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىران ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئىسرائىلىيە، ئامېرىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىگە تەھدىد سالغان.
2020-11-29
مەنبە: Mepa News