ئىسرائىلىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئاۋىۋ كوچاۋى ئىراننىڭ سۈرىيىدە ئورۇنلىشىشىغا قارشى داۋاملىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىران يادرو ئالىمى مۇھسىن فەھرىزادە قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، رايوندا جىددىيلىك كۈچەيدى، ئىسرائىلىيە باش ئىشتاب باشلىقى كوچاۋى سۈرىيە چېگراسىنى زىيارەت قىلىپ ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى.
كوچاۋى باياناتىدا مۇنداق دېدى: «مەقسىتىمىز ئېنىق: بىز ئىراننىڭ سۈرىيىدە ئورۇنلىشىشىغا قارشى ھەرىكەت قىلىمىز ۋە بىزگە قارىتىلغان ھەر قانداق تاجاۋۇزچىلىققا تەييارلىق قىلىمىز».
گەرچە تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتى سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئېلىپ بارمىغان بولسىمۇ، ئەمما بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە روسىيە سۈرىيەگە قارىتىلغان نۇرغۇن ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا ئىسرائىلىيە بارلىقىنى ئېيتتى.
2020-11-30
مەنبە: TRTHABAR / AA