ئىگىلىنىشچە، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى ھەلەبنىڭ يېزىلىرىغا جايلاشقان يەنە بىر كۆزىتىش نۇقتىسىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا باشلىغان.
سۈرىيىدىن كەلگەن خەۋەرلەرنى خەۋەر قىلىدىغان مەنبەلەردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، TSK كۈچلىرى ھەلەبنىڭ يېزىلىرىغا جايلاشقان تەل توكاندىكى 7-نومۇرلۇق كۆزىتىش نۇقتىسىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا باشلىغان.
ئەسكەرلەر ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى چېكىندۈرۈش تەييارلىقىنىڭ تەل توكان كۆزىتىش نۇقتىسىدا باشلانغانلىقى، بۇ نۇقتىنىڭ ئىدلىبنىڭ شەرقىي يېزىلىرى بىلەن ھەلەبنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا بىلەن تۇتىشىدىغان نۇقتىغا جايلاشقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، 25-نويابىر تارقاقلاشتۇرۇش باشلانغان راشىدىندىكى 5-نومۇرلۇق كۆزىتىش نۇقتىسىدىكى تەييارلىقنىڭ 5 كۈن داۋاملاشقانلىقى خەۋەر قىلىندى.
راشىدىن بىلەن TSK نىڭ رايوندىكى تارقاقلاشتۇرۇلغان كۆزىتىش نۇقتىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 5 كە يەتتى. ئىلگىرى، شەيخ ئاقىلدىكى 3-نومۇر ۋە ھامانىڭ شىمالى ۋە غەربىي شىمالىدىكى 9 ۋە 10-نومۇرلۇق كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى چېكىندۈرگەن.
سۇرماندىكى 8-كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چېكىنىدىغانلىقى بىر مەزگىل بايان قىلىنغان.
2017-يىلى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدە كېپىللىك قىلىدىغان دۆلەتلەر تۈركىيە، روسىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن ، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى ئىدلىب جىددىيلىكىنى ئازايتىش رايونى ، بىر قىسىم ھاما ۋە ھەلەب يېزىلىرى، روسىيە ۋە ئىران قوللىغان ھاكىمىيەتتىكى رايوندا ئۇرۇش توختىتىش كۆزىتىش نۇقتىسى قۇردى. 2019-يىلى ھۇجۇمىدا رايۇن كونترولقىنىڭ ئۆزگىرىشى نەتىجىسدە ئۇ بۇ نۇقتىلار قورشاۋىدا قالدى.
رايوندىكى كونترول ھالىتى ، نۆۋەتتىكى ۋە چېكىنگەن كۆزىتىش نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىچە:
2020-12-01
مەنبە: Mepa News