سەئۇدى ئەرەبىستان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئۇچىدىغان ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى ئۈچۈن ھاۋا بوشلۇقى ئېچىشنى قارار قىلدى.
ئاقساراي مەنبەلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ۋاسىتىچى بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.
بۇ تەلەپتىن كېيىن ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۈيئوغلى ۋە مەسلىھەتچىسى جارېد كۇشنېرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكى ۋە ھاۋا بوشلۇقىنى ئىشلىتىش رۇخسىتى ئالغانلىقى بايان قىلىنغان.
بۇنداق بولغاندا، ئىسرائىلىيە ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ قىسقا لىنىيىسىدىن ئۇچۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكىدا ئىمزالانغان كېلىشىم بىلەن ئىسرائىلىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشنى رەسمىي قارار قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قەدەم تاشلاش تەشەببۇسىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
2020-12-01
مەنبە: Mepa News