رۇسىيەگە قاچقان CIA نىڭ سابىق ئەزاسى ئېدۋارد سنوۋدېن رۇسىيە پۇقرالىقىغا ئىلتىماس قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.
روسىيەدە پاناھلانغان ئامېرىكىنىڭ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق ئەزاسى ئېدۋارد سنوۋدېن روسىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىلتىماس قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.
ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق ئەزاسى ئامېرىكىدا «خىيانەتچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۇ 2013-يىلى بىر قىسىم مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان دەپ ئەيىبلەنگەنئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئالدى بىلەن شياڭگاڭغا ئاندىن موسكۋاغا كۆچۈپ كەلگەن.
روسىيەدە دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان سىنوۋدېن ئۈچۈن 2017-يىلى «مەڭگۈلۈك تۇرۇش ئىجازەتنامىسى» بېرىلدى. سىنوۋدېننىڭ ئادۋوكاتى ئۇنىڭ ھازىر روسىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردى.
37 ياشلىق سنوۋدېننىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە روسىيە دائىرىلىرىگە زۆرۈر ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇش ئارقىلىق پۇقرالىق ئىلتىماسىنى تاماملىشىدىن ئۈمىد بار.
2020-12-03
مەنبە: Mepa News