ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ ، خىتاينىڭ 5 مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پروگراممىسىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ يازما باياناتىدا، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاتالمىش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش» نىقابى ئاستىدا يوشۇرۇنغان 5 پروگراممىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
باياناتتا، بۇ ئالماشتۇرۇش پروگراممىلىرى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر مائارىپىنىڭ خىتاي ساياھەت پروگراممىسى، ئامېرىكا-خىتاي دوستلۇق پروگراممىسى، ئامېرىكا-خىتاي رەھبەرلىرىنى ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى، ئامېرىكا-خىتاي تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى، شياڭگاڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيەت پروگراممىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
ئۆز-ئارا مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قانۇنى (MECEA) دىكى پروگراممىلار توغرىسىدىكى باياناتىدا: گەرچە MECEA قارمىقىدىكى باشقا پروگراممىلار ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتسىمۇ، بۇ پروگراممىلارنى پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە باشقۇرىدۇ. ئۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن شەكىللەنمىگەن.
2020-12-06
مەنبە: TRTHABAR / AA