فرانسىيەدىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلىشنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھىسىگە قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا.
فرانسىيەدىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلىشنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھىسىگە قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا. ھازىرغىچە دۆلەتتە 90 دىن ئارتۇق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
گەرچە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلىشنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماقالىسىنىڭ قايتا يېزىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، غەزەپلەنگەن نامايىشچىلار بۇ ماقالىنىڭ پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.
پايتەخت پارىژ شەھەر ئەتراپىدىكى نامايىشتا نامايىشچىلار «ماكرون ئىستىپا بەرسۇن» دەپ توۋلىدى.
رايوندىكى ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئاۋازلىق بومبا تاشلانغانلىقى بايان قىلىنغان.
بۇ قانۇن لايىھىسىدە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلغانلارغا 1 يىللىق قاماق جازاسى ۋە 45 مىڭ ياۋرو جەرىمانە قويۇش بەلگىلەنگەن، ھالبۇكى نامايىشتا «ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان» شۇنداقلا بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئىشلەتكەن كامېرالار كىشىلەرنى نازارەت قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇلار سېرىق رەڭلىك جىلىتكە نامايىشى ۋە فرانسىيىدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىسلاھاتىغا قارشى نامايىشتا نامايىشچىلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق كۆرۈنىشلىرى كۆرسىتىلىپ ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەندىن كېيىن ، ساقچىلارغا قارىتا تەكشۈرۈش باشلانغان.
2020-12-06
مەنبە: Mepa News