كەشمىردە ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

خەۋەر قىلىنىشىچە ، كەشمىردىكى «كونترول لىنىيىسى» ئەتراپدىكى توقۇنۇشتا ھىندىستان ۋە پاكىستان ئەسكەرلىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئاممىۋى مۇناسىۋەت بۆلۈمى (ISPR) ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ كۇيراتتا رايونىدا ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ، 2 پاكىستان ۋە 2 ھىندىستان ئەسكىرىنىڭ ئۆز-ئارا توقۇنۇشتا ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

كەشمىردىكى كونترول لىنىيىسىدە دائىم توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ. نويابىرنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئىككى تەرەپتىن 10 پۇقرا ۋە 5 ئەسكەر قازا قىلغان.

توقۇنۇشتىن كېيىن ، پاكىستان ھىندىستانغا خاتىرە بەردى.

كەشمىر مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پات-پات توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ ، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، بۇ توقۇنۇشلار يېقىندىن بۇيان كۈچەيدى.

2020-12-10

مەنبە: Mepa News

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Scroll to Top