ئىران پرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئەگەر ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى جو بايدىن يادرو كېلىشىمىنى يولغا قويسا، ئۇلار بۇ كېلىشىمدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
رۇھانى دۆلەتنىڭ پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا يادرو كېلىشىمىگە قايتىپ كەلسە، دەرھال كېلىشىمنىڭ ماددىلىرىنى قوللىنىمىز.
ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئىقتىسادىي ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان رۇھانى ئۆزلىرىنىڭ يادرو كېلىشىمىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
2015-يىلى ئامېرىكا، خىتاي، فرانسىيە، ئەنگىلىيە، روسىيە ۋە گېرمانىيە ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدا 5 + 1 دەپ ئاتالغان يادرو كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغان. كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىرانغا قارىتىلغان جازا تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئىران ئۇراننى موللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى چەكلىدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2018-يىلى مايدا ئامېرىكىنىڭ كېلىشىمدىن چېكىنىدىغانلىقىنى، ۋەزىيەتنىڭ سىياسىي كرىزىس پەيدا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2020-12-15
مەنبە: Mepa News