كەشمىردىكى ھىندىستان ۋە پاكىستان ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئىككى پاكىستان ئەسكىرىنىڭ قازا قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا ، باغسار رايونىدىكى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغان ھىندىستان ئارمىيىسى پاكىستان ئارمىيىسىگە قارىتىپ ئوق چىقارغان. ھۇجۇمدىن كېيىن رايوندا توقۇنۇش يۈز بەرگەندە ئىككى پاكىستان ئەسكىرى قازا قىلغان. پاكىستان ئارمىيىسى ھىندىستان تەرەپنىڭمۇ ئېغىر زىيان تارتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە كەشمىردىكى كونترول لىنىيىسىدىكى توقۇنۇشلار كۆپ يۈز بەردى. نويابىرنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 10 پۇقرا ۋە 5 ئەسكەر قازا قىلدى ، ئالدىنقى ھەپتە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا جەمئىي 4 ئەسكەر قازا قىلدى.
كەشمىر مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پات-پات توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ ، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، بۇ توقۇنۇشلار يېقىندىن بۇيان كۈچەيدى.
2020-12-16
مەنبە: Mepa News