شاررى ماركسون مۇنداق دېدى: ئىككى مىليونغا يېقىن CCP ئەزالىرىنىڭ تەپسىلاتلىرى بار تىزىملىكى ئاشكارلاندى. ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشلەۋاتقان كومپارتىيە ئەزالىرى ئاشكارىلانغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شى جىنپىڭ دەۋرىدە پارتىيەنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرغا چىقتى.
ماركسون خانىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاشكارىلانغان ئۇچۇر كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىسمى ، پارتىيە ئورنى ، تۇغۇلغان كۈنى ، دۆلەت كىملىكى ۋە مىللىتى قاتارلىق تەپسىلاتلىرى بار تىزىملىك ئىكەن.
«ساما خەۋەرلىرى» رىياسەتچىسى مۇنداق دېدى: «بۇ دۇنيادىكى تۇنجى ئاشكارىلانغان چوڭ ئۇچۇر دەپ قارىلىدۇ»
ماركسون خانىم مۇنداق دېدى: بۇ ئاشكارلىنىش پارتىيە شۆبىسىنىڭ دۇنيادىكى بىر قىسىم چوڭ شىركەتلەرگە، ھەتتا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىچىگە سىڭدۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: «غەرب شىركەتلىرىنىڭ ئىچىدە كوممۇنىستىك پارتىيە تارماق ئاپپاراتلىرى قۇرۇلدى، بۇ شىركەتلەرنىڭ CCP ئەزالىرى تەرىپىدىن سىڭىپ كىرىشىگە يول قويدى – ئەگەر ئۇلار رەت قىلىنسا بىۋاسىتە كومپارتىيىگە، رەئىس ئۆزى جاۋابكارلىققا تارتاتتى». ئۇ يەنە ئاشكارلانغان بۇ سانلىق ئامباردا «ئاساسلىقى شاڭخەيدىن كەلگەن 1 مىليون 950 مىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ شەخسىي سالاھىيەت ئۇچۇرى بىلەن بىللە يەنە 79،000 كوممۇنىستىك پارتىيە شۆبىسىنىڭ تەپسىلاتلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شىركەت ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن».
ماركسون خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سانلىق مەلۇماتلار شاڭخەي مۇلازىمېتىرىدىن 2016-يىلى 4-ئايدا خىتاي ئۆكتىچىلەر ۋە پاش قىلغۇچىلار تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ مەلۇماتلارنى خىتاي ئىستىخباراتىغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە ئىشلىتىپ كەلگەن. كېيىن ئاۋىستىرالىيە ۋە ئەنگىلىيەدىكى يەكشەنبە پوچتىسى، بېلگىيەدىكى دې ستاندارد ۋە شىۋىتسىيە تەھرىرى قاتارلىق تۆت ئاخبارات تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا بىرلەشمە گەۋدىسىگە تەمىنلىنىپ ، ئۆتكەن ئىككى ئاي ئىچىدە تەھلىل قىلىنغان».
ماركسون خانىم مۇنداق دېدى: «دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ ئەزالارنىڭ جاسۇسلۇق قىلغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات يوق – ئەمما ئەندىشە قىلدىغان ئىش شۇكى ئاۋسترالىيە ياكى بۇ شىركەتلەر CCP ئەزالىرىنى بىلەمدۇ-يوق ، ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە ئادەملىرىنى قوغداش ئۈچۈن قەدەم تاشلىشى كېرەك».
بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن دېققەت چەككىنى ئۇيغۇر كومپارتىيە ئەزالارى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەم سانلىق مەلۇماتلىرى ئاشكارلاندى.
ئايرىم مەنبەلەردىن قولىمىزغا چۈشكەن ئۇيغۇر كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:
EXCEL چۈشۈرۋېلىڭ
https://drive.google.com/file/d/1fXso9kGisWOB0zh43vH7GnmrkjQBC1fB/view?usp=sharing
2020- 12- 17
مەنبە: skynews