پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان تالىبان سىياسىي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.
باش مىنىستىرنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىمران خاننىڭ تالىبان سىياسى ئىشخانىسى باشلىقى موللا ئابدۇلغېنى بىرادەر باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بايان قىلىنغان.
باياناتتا، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك تەرەققىياتلارنىڭ تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بايان قىلىندى.
«سۆھبەت بىر تارىخىي پۇرسەت»
پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان ئافغانىستاندا ئۇزۇن يىل داۋاملاشقان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن باشلانغان سىياسىي سۆھبەتنىڭ تارىخىي پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
باش مىنىستىر خان ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش تىرىشچانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ ، پاكىستاننىڭ بۇ باسقۇچنى داۋاملىق ياخشى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
2020-12-19
مەنبە: Mepa News