ئىراننىڭ شەرقىدىكى زاخېدان شەھىرىدە ، ئىران ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرىمىز دېگەن 5 نەپەر سۈننىي بېلۇچنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئىراننى ئاساس قىلغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، زاھىدان مەركىزى تۈرمىسىدە كەم دېگەندە 10 سىياسىي مەھبۇس ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇلارنىڭ 5 نەپىرىنىڭ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئىگىلىنىشچە ، بۇ 5 مەھبۇسنى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ ، ئۇلار ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى كامېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ۋە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە «ئاخىرقى قېتىملىق ئۇچرىشىش» نى ئۇقتۇرغان.
ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان مەھبۇسلارنىڭ ئىران ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللانغان سۈننىي گۇرۇپپا ئەزا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە «دۇنيادا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى بايان قىلىنغان.
ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان مەھبۇسلارنىڭ ئىسمى تۆۋەندىكىچە: ئىمىن بېلۇچزاي، زات ئابدۇراھىم كۇھى، جاۋىد دېخكان خالىد، بېھنام رىگى ۋە شۇايب رىگى.
مەھبۇسلارنىڭ ئادۋوكاتى مۇستاپا نىلى سوتنىڭ ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى ئەرز قىلىش پۇرسىتى بەرمىگەنلىكىنى ۋە مەھبۇسلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىرانلىق ژۇرنالىست رۇھۇللاھ زېم يېقىندا «قانۇنسىزلىق» بىلەن ئەيىبلەنگەندىن كېيىن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان.
ئىراندا ياشايدىغان سۈننىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ زور بېسىم ۋە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرايدىغانلىقى مەلۇم.
2020-12-19
مەنبە: Mepa News