گەرچە بۇ ۋاكسىنا تېخى رەسمىي تەستىققا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما خىتاي كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم» رايونىدىكى پۇقرالارغا ۋاكسىنا ئەملەش پىلانىنى يولغا قويماقچى.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ۋاكسىنا تەتقىقاتى ۋە تەرەققىيات خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى زېڭ يىكىس مۇنداق دېدى: دۆلىتى قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە ئالدى بىلەن تاجىسىمان ۋىرۇس «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسى كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئەملەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
مۇستەقىل تۈركچە دوكلاتىغا قارىغاندا، زېڭ يىكىس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تۆۋەندىكى بايانلارنى قوللانغان: «قىش ۋە ئەتىيازدا ، بىر قىسىم ئاساسلىق كىشىلەر توپىنىڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارشى ۋاكسىنا ئەملىنىشى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم».
شەرقۇل ئەۋسەتتە «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ دوكلاتىدا خىتاي كالېندارىنىڭ يېڭى يىل دەم ئېلىش باشلىنىشتىن ئىلگىرى (2021-يىلى 12-فېۋرال) 50 مىليون ئادەمگە ۋاكسىنا ئەملەشنى پىلانلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خەۋەرلەردە يەنە بېيجىڭنىڭ سىنوفارما ۋە سىنوۋاك بىئوتېخنىكا شىركىتىدىن 100 مىليون دورا ۋاكسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ۋە تارقىتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
تەستىقلانمىغان ۋاكسىنىنى ئۇيغۇرلاردا سىناق قىلىشى مۇمكىن
گەرچە بۇ ۋاكسىنا تېخى رەسمىي تەستىققا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما خىتاي كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم» رايونىدىكى پۇقرالارغا ۋاكسىنا ئەملەش پروگراممىسىنى يولغا قويماقچى.
خىتايدا كەم دېگەندە بىر مىليون ئادەمگە «جىددىي ئىشلىتىش» ئۈچۈن ئىككى سىناق باسقۇچلۇق ۋاكسىنىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن ۋاكسىنا ئەملەنگەن، ئەمما ھازىرغا قەدەر بۇ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ۋە خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق گۇرۇپپىلار بىلەنلا چەكلەنگەن.
خىتاينىڭ تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارشى بەش خىل ۋاكسىنىسى بار ، ئۇ تەرەققىياتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي تەستىقىنى ئالالمىغاچقا ئاخىرقى باسقۇچلۇق تەجرىبىسىنىڭ نەتىجىسى تېخى ئېلان قىلىنمىدى.
ئۆلكىلىك سەھىيە ئەمەلدارى يەرلىك تاراتقۇلارغا بۇ ۋاكسىنىنىڭ خىتاي كالىندارىنىڭ يېڭى يىل بايرىمىدىن كېيىن ئاتالمىش شىنجاڭدىكى بارلىق يەرلىك ئاھالىلەرگە ئەملىندىغانلىقنى ئېيتتى. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغا قەدەر 118 مىڭ خىل ۋاكسىنا بۇ رايونغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ ، 5-فېۋرالغىچە بارلىق خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا ۋاكسىنا ئەملەشنى پىلانلىغان بولۇپ ، ۋاكسىنا ئەملەش پىلانىنى پۈتۈن رايوندىكى كىشىلەرگە ئىشلىتىدىكەن.
دائىرىلەر بۇ ۋاكسىنىنى كىمنىڭ تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ۋە ئىشلەپچىقارغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.
ئاتالمىش شىنجاڭ بولسا بارلىق يەرلىك ئاھالىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەش پىلانىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى بەلگىلىگەن تۇنجى ئاپتونۇم رايون.
2020-12-22
مەنبە: Mepa News