ھىندونېزىيە بۇ دۆلەتتىكى ئىسلام گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىرى بولغان « Pembela ئىسلام فرونتى» نى چەكلىدى.
« Pembelaئىسلام» دەپمۇ ئاتىلىدىغان «ئىسلام فرونتىنى قوغداش» ھەركىتى 1998-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ دۆلەتتە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىسلام گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىرى.
ھىندونېزىيە بىخەتەرلىك مىنىستىرى مۇھەممەد مەھفۇدنىڭ بۈگۈن قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان بۇ گۇرۇپپا بۈگۈندىن باشلاپ «قانۇنسىز» دەپ ئېلان قىلىنغان.
مەھفۇد بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ Pembela ئىسلامنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى توسىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
يېقىندىن بۇيان بۇ دۆلەتتە ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا جىددىيلىك يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ گۇرۇپپىنىڭ رەھبىرى ھەبىب رىزىق شىھاب 12-ئاينىڭ بېشىدا قولغا ئېلىنغان.
ھىندونېزىيەنىڭ جىھادچى گۇرۇپپىلارغا قارشى ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، «جامائەت ئىسلامي» ناملىق يەنە بىر گۇرۇپپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرى قولغا ئېلىنغان.
2020-12-30
مەنبە: Mepa News