ئىراننىڭ بىر پارلامېنت ئەزاسى ھەسەن رۇھانى ھۆكۈمىتى بىلەن 25 يىللىق ئىستراتېگىيىلىك كېلىشىم ئىمزالاشقا ئانچە قىزىقمايدىغان خىتاينىڭ 8-ئاينىڭ بېشىدا رەسمىي ۋەزىپىسىنى باشلايدىغان يېڭى ئىران ھۆكۈمىتىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي بىلەن ئىران ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ ، خىتاينىڭ ئىرانغا مەبلەغ سېلىشىغا يول ئاچتى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە بۇ قېتىمقى كېلىشمنىڭ ئومومىي سوممىسى 40 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولىدىكەن.
ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان كېلىشىم لايىھىسىگە ئاساسەن، خىتاينىڭ ئىراندىكى بانكا، تېلېگراف، پورت ۋە تۆمۈر يول ساھەلىرىدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ كېڭىيىدىغانلىقى، شۇنداقلا باشقا ئون نەچچە تۈرنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە ئىراننىڭ قەرەللىك نېفىت بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
بۇ كېلىشىم ھەربىي، تەتقىقات، قورال-ياراغ ئېچىش ۋە ئاخبارات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ ئېشىشىغا يول ئاچتى. بۇ خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنىڭ ئىران ئالىي رەھبىرى ئەلى خامېنېي بىلەن كۆرۈشكەندە تۇنجى قېتىم تېھرانغا سۇنغان خىتاي تەشەببۇسى دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئۆتكەن يىلى 7-ئايدىكى باياناتىدا ھەسەن رۇھانى ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشىمگە ئاساسەن قەدەم بېسىشنى خالايدىغانلىقىنى دەلىللىدى.
پارلامېنت ئەزاسى فېدا ھۈسەيىن مالېكى ئىران ھۆكۈمەت چەمبىرىكىگە يېقىن بولغان «سايلام» تور بېكىتىدە مۇنداق دېدى: «خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەر 25 يىللىق ھەمكارلىق كېلىشىم تۈزىگەن خىتايلار ھازىرقى ھۆكۈمەت بىلەن كېلىشىمنى يولغا قويۇشنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ھازىرقى ئىران ھۆكۈمىتىنى «مۇتەئەسسىپ» دەپ قارىغان بولۇپ كېيىنكى ھۆكۈمەتنى ساقلاۋاتىدۇ».
2020-12-31
مەنبە: ŞARKULAVSAT