تۈركىيە، ئۇكرائىنا كىرىزىس مەزگىلىدە، روسىيەگە قارشى ئىنتايىن يۇقىرى تەييارلىق سەۋىيىدە قۇرۇلغان بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى (VJTF) نىڭ قوماندانلىقنى پولشادىن ئۆتكۈزۈۋالدى.
يېڭى يىل شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىچىدىكى تۈركىيە ئىنتايىن يۇقىرى تەييارلىق بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى (VJTF) قوماندانلىق قىلىدۇ. 2019-يىلى گېرمانىيە، 2020-يىلى پولشا باشچىلىقىدىكى قىسىمنىڭ قوماندانلىقى 2021-يىلى 31-دېكابىرغىچە تۈركىيەنىڭ قولىدا بولىدۇ.
بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى 4200 پىيادە ئەسكەر بىلەن جەمئى 6400 ھەربىي خادىمنى باشقۇرىدۇ. قالغان 2200 ئەسكەر ئالبانىيە، ۋېنگىرىيە، قاراتاغ، پولشا، رۇمىنىيە، ئىتالىيە، لاتۋىيە، سلوۋاكىيە، ئىسپانىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى (ئامېرىكا) ئارمىيىسىدىن تەشكىللىنىدۇ.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باياناتىدا مۇنداق دېدى: تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئەڭ يېڭى ئىلغار ماشىنىلىرى بىلەن تەشكىللەنگەن 4 مىڭ 200 تۈرك ئەسكىرى بىلەن تانكىغا قارشى راكېتا ۋە زەمبىرەكلىرى VJTF قاتناشتى.
ئاساسلىق ۋەزىپە روسىيەنى توسۇش
«ئىنتايىن يۇقىرى تەييارلىق بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى» (VJTF) دەپ رەسمىي ئاتالغان ۋە «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ نەيزىسى» دەپ تەسۋىرلەنگەن، بۇ كۈچ ئۇكرائىنا كرىزىسى مەزگىلىدە روسىيەگە قارشى تۇرۇش كۈچى سۈپىتىدە يولغا قويۇلغان.
تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا قارارىتا تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن VJTF نىڭ ئاۋانگارت كۈچلىرى، زۆرۈر تېپىلغاندا 72 سائەت ئىچىدە ئەسكەر ئەۋەتىشكە تەييارلىق قىلىشى كېرەك. بۇ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ھەربىي خادىملارنىڭ ھەرگىزمۇ ئورنىدىن ئايرىلماسلىقى ۋە ئەۋەتىشكە تەييارلىق قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىپادىسى
تۈركىيە VJTF نى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىچىدىكى قىسىملارنىڭ قوماندانلىقى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ تۈركىيە بىلەن ناتونىڭ ھەربىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدىن كەلگەن S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا قارشى ئامېرىكىنىڭ جازالاش تەدبىرى يولغا قويۇلۇشتىن سەل بۇرۇن. ياۋروپا بىرلەشمىسىمۇ شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى تەبىئىي گاز چارلاش پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن تۈركىيەگە قارىتا جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.
2021-01-03
مەنبە: Mepa News