916
قازاقىستان پرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا ، بۇ دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسى رەسمىي بىكار قىلىنغان.
پرېزىدېنت توكايېف «ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارا پۇقرالار ۋە سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ ئىككىنچى ئىختىيارى كېلىشىمنامىسى» گە ئىمزا قويدى. يېڭى قانۇنغا ئاساسەن ، بۇنىڭدىن كېيىن، ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئورنىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
2003-يىلدىن باشلاپ ئۆلۈم جازاسىنى ۋاقتىنچە توختاتقان قازاقىستاندا، دۆلەت ئىچىدە ئۇرۇش يۈز بەرگەندە ھەربىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلەرگە بۇ قانۇننىڭ قوللىنىلمايدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
2021-01-03
مەنبە: Mepa News