ئىراندا سۈننىي مەزھىپىدىكى 3 ئۆكتىچىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئىراننى ئاساس قىلغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى دوكلات قىلغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، شەرقىي سىستان بالۇچىستان ئۆلكىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۈچ سىياسىي مەھبۇس بۈگۈن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان.
ئىگىلىنىشىچە ، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىسمى ھەسەن دېھۋارى ، ئىلياس كالدېندېرزېخى ۋە ئۇمىت مەھمۇدزېخى ئىكەن.
ئاخىرقى ئۆلۈم جازاسى بىلەن، يېقىنقى 3 ھەپتە ئىچىدە رايوندا ئىجرا قىلىنغان سۈننىي مەزھىپىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ سانى 7 گە يەتتى.
ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلار ئىچىدە ھەسەن دېھارى ۋە ئىلياس كالېندېرزېخىنىڭ 112 كۈن قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىدىن كېيىن«جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى» خەۋەر قىلىنغان. پائالىيەتچىلەر ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ سۈننىي مەھبۇسلارغا ئۇرۇش، تۆمۈر قالپاقلار بىلەن قىيناش، توك سوقتۇرۇش، تىرنىقى تارتىش ۋە باسقۇنچىلىق بىلەن تەھدىد سالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئىراندا ياشايدىغان سۈننىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ زور بېسىم ۋە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرايدىغانلىقى مەلۇم.
2021-01-04
مەنبە: Mepa News