دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكترونلۇق سودا شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى مىلياردېر جەك ماي خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى سىياسىتىنى تەنقىد قىلغاندىن بىر نەچچە ھەپتە كېيىن غايىب بولدى.
«پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مايۇن ئۆزىنىڭ تالانت سەھنىسى «ئافرىقىنىڭ سودا قەھرىمانلىرى» تاللىغۇچىلار ئۆمىكىنىڭ تور بېتىدىن ھەمدە تەشۋىقات فىلىمىدىن چىقىرىۋېتىلگەن.
ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ باياناتچىسى مايۇننىڭ توقۇنۇش سەۋەبىدىن «ئافرىقا سودا قەھرىمانلىرى» مۇسابىقىسىنىڭ تاللىغۇچىلار ئۆمىكىگە كىرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، مىلياردېر مايۇننىڭ شاڭخەيدە قىلغان سۆزىدە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى بانكىلارنى ئىسلاھ قىلىشقا چاقىردى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت «يېڭىلىق يارىتىشنى بوغۇپ قويۇش» دېدى.
ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى مايۇنننىڭ 37 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئاشكارا تەمىناتىنى ۋاقتىنچە توختاتتى ۋە پۇل-مۇئامىلە تېخنىكا شىركىتىنىڭ پاي بازىرىغا كىرىشىنى توستى.
12-ئايدا، خىتاي ئەلى بابا شىركىتىگە قارىتا «مونوپول قىلدى» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن تەكشۈرۈش باشلىغان بولۇپ، بۇ خەۋەر خىتاي سودا دۇنياسىنى ھەيران قالدۇردى.
بۇ ئىشتىن كېيىن مايۇن ئاممىۋى سورۇندا كۆرۈنمىگەن.
2021-01-04
مەنبە: ŞARKULAVSAT