ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ دۆلەتلىك دېڭىز- ئوكيان نېفىت شىركىتى — CNOOC نى ۋە Skyrizon شىركىتىنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى، يۇقىرىدىكى ھەر ئىككى شىركەتنىڭ ئامېرىكانىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكى» گە خەۋپ شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
دۆلەتلىك دېڭىز- ئوكيان نېفىت شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى قوشنىلىرىغا ھەيۋە كۆرسىتىشىگە ياردەم قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، Skyrizon شىركىتىنىڭ ھەربىي ئايروپىلان موتورلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روس بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى پەرۋاسىز ھەرىكەتلىرى بىلەن قوراللىنىش تىرىشچانلىقى ئۈچۈن، تېخنىكىغا ئېرىشىش يولىدىكى تاجاۋۇزچى پوزىتسىيەسىنىڭ ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2021-01-16
مەنبە: TRTUYGHUR