روسىيە ئۆزلىرىنىڭ «ئوچۇق ئاسمان» كېلىشىمىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا، كېلىشىمدىن چېكىنىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىچكى تەرتىپلەرنىڭ باشلانغانلىقى تەكىتلەندى. مىنىستىرلىق ئامېرىكىنىڭ كېلىشىمدىن چېكىنىشى بىلەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ ، كېلىشىمنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ جەريان تاماملانغاندىن كېيىن ، باشقا دۆلەتلەرگە خەۋەر قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئامېرىكا 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى رەسمىي ھالدا «ئوچۇق ئاسمان كېلىشىمى» دىن ئايرىلغانلىقىنى ، 5-ئايدا چېكىنىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ باياناتنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى كالى بروۋن يازما بايان قىلدى.
بىروۋىن باياناتىدا بۇ قارارنىڭ 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ، قارارنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان 6 ئايلىق ۋاقىتنىڭ 22-نويابىر تاماملانغانلىقىنى ، شۇڭا بۇ قارارنىڭ 22-نويابىردىن باشلاپ يولغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ 5-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى باياناتىدا «روسىيە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچە ئۇلار كېلىشىمدىن چېكىنىدۇ» دېدى.
بۇ كېلىشىم 1992-يىلى ئىمزا قويۇش ئۈچۈن ئېچىلغان ۋە 2002-يىلى كۈچكە ئىگە بولغان. بۇ كېلىشىم ھەربىي پائالىيەتلەردە ئاشكارىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ، قورال كونترول قىلىش ۋە قورالسىز رازۋېدكا ئۇچۇشىغا يول قويۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2021-01-16
مەنبە: MepaNews