تالىبانلار ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا كابۇل ھۆكۈمەت قىسىملىرىنى نىشان قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
يەرلىك مەنبەلەرگە قارىغاندا، تالىبانلار تۈنۈگۈن قۇندۇز ۋىلايىتىدىكى بىر ھەربىي بازىغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان. 217-پامىر بىڭتۈەنىنىڭ ھەربىي بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا، تالىبان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بىلەن بازىغا بومبا تاشلاپ ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە تەۋە تىك ئۇچارنى ۋەيران قىلدى.
بۇ ۋەقەنى دەلىللىگەن كابۇل ھۆكۈمىتىگە يېقىن مەنبەلەر ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەركەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
تالىبانلار 2020-يىلى 11-ئاينىڭ بېشىدا قۇندۇزدىكى ۋالىي بىناسىغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا قۇندۇز ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى ۋە باشقا ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ قاراۋۇللىرى نىشان قىلىنغان ، 4 قاراۋۇل ئۆلگەن، 8 ئەسكەر يارىلانغان.
تالىبان ھەرىكىتى ئىلگىرى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى كۆزىتىش ۋە سىنغا ئېلىش قاتارلىق مەقسەتلەردە ئىشلىتىدىغانلىقى مەلۇم. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلىش يېقىندا مەزگىللەردىن باشلاپ يۈز بېرىشكە باشلىدى.
2021-01-16
مەنبە: MepaNews