خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت سودا سۇپىسى ئەلى بابانىڭ قۇرغۇچىسى مايۈن نەچچە ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن.
سودىگەر مايۈن خىتاي يېزىلىرىدىكى 100 ئوقۇتقۇچىغا سىنلىق يىغىن ئارقىلىق سۆز قىلدى. مايۈن ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇنبەرگە قاتناشقان ۋە سۆزىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان.
بۇ يىل 54 ياشقا كىرگەن مايۈن ئۆكتەبىردە خىتايدىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئاممىۋى بانكىلارنى تەنقىدلىگەندىن كېيىن، بېيجىڭ باشقۇرۇش شىركىتى مايۈن قۇرغان چۈمۈلە گورۇھى شىركىتىنى «بازاردا مونوپوللۇق ۋە ئادالەتسىز رىقابەت پەيدا قىلدى» دەپ تەكشۈرۈش باشلانغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دېرىكتورى كېننىت روت تىۋىتتېردا يوللىغان ئۇچۇرىدا: «ئەلى بابانىڭ قۇرغۇچىسى مايۈن خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى تەنقىد قىلغان نۇتۇقتىن كېيىن ئىككى ئاي گۇمانلىق غايىب بولۇشى خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللانغان.
2021-01-20
مەنبە: Euronews / Mepa News