ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئافغانىستان سىياسىتىنىڭ مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر غۇلغۇلا قۇزىغان بولۇپ ، بۇ سىياسەتنىڭ بىرىنچى يىپ ئۇچى زالماي خېلىلزادنىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا =، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خېلىلزاد بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مەزگىلىدىمۇ ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.
بۇ ھەرىكەتنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى بىر قەدەم ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. چۈنكى خېلىلزادنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى بايدىننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىنى قوللىغانلىقى دەپ ئىزاھلانغان.
خېلىزاد ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان، ئىراق ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان بولۇپ، تالىبانلار بىلەن تەخمىنەن 2 يىلدىن سۆھبەتلىشىشكە باشلىغان.
بايدىننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېنمۇ يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ئەسكەرلىرىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
دوھا كېلىشىمى ۋە ئامېرىكىنىڭ چېكىنىش جەريانى
ئامېرىكا بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدا 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى دۆلەتتىن چېكىندۈرۈشكە باشلىدى.
2020-يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ، ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنى 8600 ئەتراپىدا ئازايتتى.
7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ، ئامېرىكا ھىلمېند ، ئۇرۇزگان ، پاكتىكا ۋە لامان قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى جەمئىي 5 چوڭ ھەربىي بازىنى تاقىدى.
1-ئاينىڭ 15-كۈنى ، ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنى 2500 گە قىسقارتتى.
كېلىشىم ئىمزالانغان ۋاقىتتا ، ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتتە تەخمىنەن 13 مىڭ ئەسكىرى بار ئىدى.
كېلىشىمدىكى بەلگىلىمە
ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمدە ، ئامېرىكا 14 ئاي ئىچىدە بۇ دۆلەتتىن چېكىنىشكە ۋەدە بەردى.
بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە ، ئامېرىكا 2021-يىلى مايغىچە دۆلەتتىن چېكىنىشى كېرەك.
2021-01-23
مەنبە: Mepa News