ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا «خىتاينىڭ تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشنىلىرىنى قورقۇتۇش تىرىشچانلىقى ئەندىشە بىلەن تىلغا ئېلىنغان» دېيىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا «خىتاينىڭ تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشنىلىرىنى قورقۇتۇش تىرىشچانلىقى ئەندىشە بىلەن تىلغا ئېلىنغان» دېيىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى نېد پايىس ئورتاقلاشقان باياناتتا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي، دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي بېسىمنى تۈگىتىشكە چاقىرىق قىلىندى ۋە دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن تەيۋەن ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە چاقىرىق قىلىندى.
باياناتتا ، ۋاشىنگىتوننىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى داۋاملىق كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خىتاي بىلەن ئارال دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى تىنچ ھەل قىلىش چارىسىنى قوللايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بېيجىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا تېخى بايانات ئېلان قىلمىدى.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى شەنبە كۈنى خىتاي تەيۋەننى «خىتاينىڭ زېمىنى» دەپ قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىپ، تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ھاۋا بوشلۇقىغا يادرو قوراللىرىنى توشۇيالايدىغان سەككىز كۈرەشچى ئايروپلان ۋە تۆت رېئاكتىپ ئايروپىلاننى ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋىئاماتكا ئەۋەتتى
باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، USS تېئودور روزۋېلىت باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا ئاۋىئاماتكا گۇرۇپپىسى شەنبە كۈنى جەنۇبىي دېڭىزغا كىرىپ «دېڭىز ئەركىنلىكى» نى قوللىغان. ئامېرىكا ئارمىيىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، پاراخوتلارنىڭ رايوندا «دېڭىز ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە دېڭىز-ئوكيان بىخەتەرلىكىنى قوللاش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىش» نىڭ دائىملىق ھەرىكەت دائىرىسىدە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەرىكىتى جو بايدىن ئامېرىكىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن يۈز بەردى. بايدېننىڭ بۇ مەسىلىدىكى خىتايغا بولغان بېسىمىنى ئازايتىشىدىن ئۈمىد يوق ، ئەمما مۆلچەرلىنىشىچە ، ئۇ تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگقا قايتىشنى قوللايدىكەن. ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى يەنە تەيۋەننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەيۋەننىڭ باش ئەلچىسى شياۋ بىخىمنى بايدىننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا چاقىردى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىننىڭ تاشقى ئىشلار نامزاتى ئانتونىي بىللىنكېن كېڭەش پالاتاسى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ شۈبھىسىزكى ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ رىقابەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2021-01-24
مەنبە: Deutsche Welle / Mepa News