ھىندىستان تەتقىق قىلىپ چىققان Swathi Weapon Locating Radar (WLR) سىستېمىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى يەتكۈزۈلۈشى ئەرمېنىيەگە يىتىپ باردى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق يۆتكەلگەن سۈرەتلەردە، «زەمبىرەك ئورۇن بەلگىلەش رادارى» دەپ ئاتالغان سىستېمىنىڭ ئانتونوف 124 تىرانسپورت ئايروپىلانىغا ئورنىتىلغانلىقى كۆرۈلىدۇ.
ھىندىستان بىلەن ئەرمىنىيە ئوتتۇرىسىدىكى 40 مىليون دوللارلىق كېلىشىم 4 رادار بىرلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كېلىشىمدىن 10 ئايدىن كېيىن تۇنجى مال يەتكۈزۈش 22-يانۋار ئېلىپ بېرىلدى.
Swathi رادار سىستېمىسى دېگەن نېمە؟[J1]
ھىندىستان تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بۇ رادار سىستېمىسى دۈشمەن ئېغىر تىپتىكى قوراللارنىڭ ئېتىلىدىغان نۇقتىسىنى بايقاشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سىستېما زەمبىرەك ئوقىدا 2 دىن 30 كىلومىتىرغىچە، راكېتادا 4 ~ 40 كىلومىتىر ، مىناميوتتا 2 دىن 20 كىلومىتىرغىچە بولغان ئارلىقتا ئىزدەپ تاپالايدىكەن.
2021-01-26
مەنبە: Mepa News