روسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك قورالنى ئازايتىش شەرتنامىسى «يېڭى باشلىنىش» نىڭ 5-فېۋرال ۋاقتى توشىدۇ.
«يېڭى باشلىنىش» كېلىشىمى بولسا ئىستراتېگىيىلىك يادرو قوراللىرىنى ئازايتىش ئەھدىنامىسى بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن روسىيەنىڭ يادرونىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەشتىكى ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىم ھېساپلىنىدۇ.
كۈچكە ئىگە بولغىنىغا 10 يىل بولغان بۇ كېلىشىم 5-فېۋرال توشىدۇ.
دۇنيادىكى يادرو قوراللىرى ئەڭ كۆپ 2 دۆلەت
دۇنيادىكى يادرو قوراللىرى ئەڭ كۆپ بولغان ئىككى دۆلەت ئامېرىكا ۋە روسىيە ھالقىلىق قارارنىڭ ئالدىدا تۇرماقتا. بولۇپمۇ ئامېرىكا ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو كۈچى كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن ، «يېڭى باشلىنىش» كېلىشىمىنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ مۇھىم بولدى.
كېلىشىم يادرو قوراللىرىنىڭ سانىنى چەكلەپ، ئىستراتېگىيىلىك يادرو ئوق بېشىنى 1550 كە قىسقارتىدۇ ۋە قويۇپ بېرىشكە تەييارلانغان قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنى 700 دە چەكلەپ قالىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر ئەگەر كېلىشىم ئۇزارتىلمىسا ، يادرو قوراللىرى مۇسابىقىسىنىڭ يەنە باشلىنىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
2021-01-27
مەنبە: TRTHABAR / AA