مەنبە: Mepa News | تەكلىماكان | خەۋەر مەركىزى
يەكشەنبە، 2021-يىلى 31-يانۋار-
ئىگىلىنىشچە، بېنگال ھۆكۈمىتى تەخمىنەن 1400 ئاراكانلىق مۇسۇلماننى «ئۆلۈم ئارىلى» دەپ ئاتالغان باسان ئارىلىغا ئەۋەتكەن.
بېنگال ئەمەلدارلىرىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، جۈمە كۈنى 1400 روھىنگا مۇسۇلمانلىرى بىر گۇرۇپپا مەجبۇرىي ھالدا ئارالغا ئەۋەتىلگەن.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا ، ھازىرغىچە بۇ ئارالغا كەم دېگەندە 6700 روھىنگا مۇسۇلمان ئەۋەتىلگەن.
«ئۆلۈم ئارىلى»
باسان چار دەپ ئاتالغان بۇ ئارال ئاليۇمىننىڭ يىغىلىشى نەتىجىسىدە 2006-يىلى قۇرۇلغان. بۇ ئارالنىڭ نامىنىڭ مەنىسى «لەيلىمە ئارال». بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كەلكۈن خەۋىپىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.
يېقىندىن بۇيان بۇ ئارالدا نۇرغۇن پاناھلىنىش ئورنى سېلىنغان بولۇپ ، بېنگال ھۆكۈمىتى كوكس بازىرى رايونىدا مۇساپىر بولۇپ ياشايدىغان 100،000 ئاراكانلىقنى ئورۇنلاشتۇرماقچى.
ئاراكان شىتاتىدىن پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئارالغا زورلۇق بىلەن ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە بېرىشنى خالىمايدىغانلارنىڭ قىيناشقا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بېنگال ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى ئاراكانلىق مۇساپىرلارنى ئايرىۋېتىش تىرىشچانلىقى دەپ ئىزاھلانغان بولسىمۇ ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئاراكان خەلقىنى يامغۇر ۋە تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئاسان ئۇچرايدىغان ئارالغا قويۇش قارارىنى ئەيىبلىدى.