مەنبە TRTHABAR | AA
دۈشەنبە؛ 2021-يىل 1-فېۋرال…….
31- يانۋاردىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىگە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان كۈچلەرگە ئۇق چىقىرىش ھوقۇقىنى بەرگەندىن كېيىن، ياپونىيە تەييارلىققا ئۆتتى.
«ياپونىيە ۋاقىت گېزىتى» دىكى خەۋەرلەردە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارىنىڭ خىتاي قانۇنىنىڭ خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى كۆرسىتىلدى.
دوكلاتتا، توكيو ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن توقۇنۇشنىڭ سۇبيېكتى بولغان شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان سېنكاكۇ ئارىلىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ھەربىي ھەرىكەتكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئىچىدە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ياپونىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى 29-يانۋار يىغىن چاقىرىپ رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توشىمىسۇ موتېگى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «خىتاي خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قانۇن قوللانماسلىقى كېرەك» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
خىتايدا يولغا قويۇلغان قانۇنغا ئاساسەن ، دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترەتلىرىگە «دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقى چەتئەلدىكى شەخسلەر ياكى دېڭىزدىكى شەخسلەر تەرىپىدىن دەخلى-تەرۇز قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا ، قورال ئىشلىتىش قاتارلىق بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىش» ھوقۇقى بېرىلگەن.
بۇ قانۇن يەنە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلىرىگە ئاراللارغا سېلىنغان خادا تاش ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشلىرىنى چېقىش ۋە خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەن چەتئەل پاراخوتلىرىنى تۇتۇپ قېلىش ھوقۇقى بەردى.
تىلغا ئېلىنغان بۇ قانۇن تالاش-تارتىشتىكى جەنۇبىي دېڭىزدا توقۇنۇش خەۋىپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.