مەنبە: TRT Haber / Mepa News
چارشەنبە ، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 03-كۈنى
روسىيەدە ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ ئەدلىيە كونترول قىلىش تەلىپىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈستىدىن سۇنۇلغان دەۋا ئاخىرلاشتى. بۇنىڭغا ئاساسەن، سوت ناۋالنىيغا كەم دېگەندە 2 يېرىم يىل تۈرمىدە يېتىش جازاسى بەردى ۋە نارازىلىق ئەرزى ئۈچۈن 10 كۈن ۋاقىت بەردى.
موسكۋا شەھەرلىك سوتنىڭ ئالدىدا ناۋالنىينى قوللاش ئۈچۈن يىغىلغان بىر قىسىم نامايىشچىلار ئەتىگەندىن باشلاپ قولغا ئېلىنغان. ئۆكتىچىلەرنى قوللايدىغان مەنبەلەر 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
فېدېراتسىيە تۈرمە ئىدارىسىنىڭ ۋەكىلى سوت جەريانىدا، ناۋالنىينىڭ گېرمانىيەدە تۇرغان ۋاقتىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ گېرمانىيەدە ئەركىن ئىكەنلىكىنى ۋە ساقچىلار بىلەن ئالاقىلاشمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ناۋالنىينىڭ پۇتىننىڭ ئوردىسى توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنىڭ سىن كۆرۈنۈشى 100 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلدى.