مەنبە: Mepa News
چارشەنبە ، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 03-كۈنى….
ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرىزدېنتتى بايدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ، تۈنۈگۈن تۈركىيە بىلەن بولغان تۇنجى رەسمىي دىپلوماتىك ئالاقە ئورنىتىلدى.
پرېزىدېنت باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان بىلەن تېلېفونلاشتى.
ئىبراھىم كالىننىڭ باياناتىدا، جەكې سۇللىۋان تۈركىيە-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بولۇپمۇ سۈرىيە، لىۋىيە، شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز، قىبرىس، ئافغانىستان ، ناگورنو-قاراباغ قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى
ئىبراھىم ئەمدىلا خىزمىتىنى باشلىغان سۇللىۋاننى تەبرىكلىدى.
كەلگۈسى بىر مەزگىلدە تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، دىئالوگ يوللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، بارلىق ئىشلاردا قويۇق ئالاقە ۋە ئىجابىي ھەمكارلىق ئورنىتىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
كوۋىد -19 قا قارشى تۇرۇشتا دۇنياۋى ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىملىقى كۆرسىتىلدى.
سۈرىيە ۋە لىۋىيەنىڭ سىياسىي ھەل قىلىش مۇساپىسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن يىغىندا، ھەر خىل «تېرورچى» گۇرۇپپىلىرىغا قارشى ئۈنۈملۈك ۋە ئورتاق كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى گەۋدىلەندۈرۈلدى. ئىدلىبنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى كۈنتەرتىپدە، رايوندا يېڭى مۇساپىرلار دولقۇنى پەيدا قىلىدىغان مۇقىمسىزلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىغا قارشى كونكرېت ۋە جىددىي تەدبىرلەرنىڭ زۆرۈرلۈكى مۇزاكىرە قىلىندى.
گرېتسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشىدىغان ئەمەلىي ئىزدىنىش سۆھبىتى ئۈمىدنى قوزغىدى.
يىغىن ئاخىرىدا S-400 ، F-35 ۋە PYD-YPG قاتارلىق مەسىلىلەرنى يېڭى كۆز قاراش بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردە كۈچلۈك ، سىجىل ۋە ئىجابىي مۇناسىۋەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈمىدى ئىپادىلەندى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىش ۋە رايون ۋە يەر شارىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشىدىغان قەدەملەرنى تاشلاش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى.