مەنبە: Mepa News | Euronews
پەيشەنبە؛ 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 04-كۈنى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئەدلىيە ئورگىنى بولغان خەلقئارا سوت (ICJ) ئىراننىڭ، ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىمە جازاسى سەۋەبىدىن سۇنغان ئەرزىنى، ۋاشىنگىتوننىڭ ھوقۇق بەرگەن نارازىلىقىنى رەت قىلدى.
تېھران ھۆكۈمىتى 2015-يىلى ئىمزالانغان ، ئەمما 2018-يىلى ئامېرىكا بىر تەرەپلىمىلىك ئايرىلغان يادرو كېلىشىمىدىن كېيىن بىر قىسىم ئىقتىسادىي جازاغا دۇچ كەلگەن.
ئىران بۇ ئەھۋالنىڭ 1955-يىلى ۋاشىنگتون بىلەن بولغان دوستلۇق كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەرز قىلدى.
UAD پرېزىدېنتى ئابدۇلقاۋى ئەھمەد يۈسۈپ زاسېداتېللار ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنىڭ «ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى يوق» دېگەن قاراشنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئىراننى قوللىغانلىقىنى ئېلان قىلىدى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ ، بۇ قارارنىڭ تېھران ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «غەلىبە» ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ، دۆلىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئىزچىل ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇلتۇرقى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ 2018-يىلى 7-ئايدا ICJ غا سۇنغان دېلو ئارخىپىدا يېزىلغان جازالارنىڭ «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ۋە ئورۇنسىز» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى بىكار قىلىش كېرەكلىكىنى ئېلان قىلدى.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، بۇ قارار تېھران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىنىڭ ماددىلىرىنى قايتا ئىجرا قىلىش باسقۇچىدا بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ سايلانغان پرېزىدېنتى جو بايدىن ئىران بىلەن دىپلوماتىيىنى قايتا ئويلىنىشقا ئۇرۇنغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىللىنكېن ئىرانغا يېڭى ئەلچى تەيىنلىدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئىراننىڭ يادرو پائالىيىتىنى چەكلەيدىغان كېلىشىمگە قايتىش ئۈچۈن يېڭى ئەلچى تەيىنلىدى ۋە بۇ كېلىشىمنىڭ قايتا تۈزۈلۈشى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىراننىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان دېلونىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن بىر قانچە يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. سوتنىڭ بۇ دېلو توغرىسىدىكى قارارى ئاخىرقى ۋە خەلقئارادا چەكلەش كۈچىگە ئىگە.