مەنبە: Euronews | Mepa News
يەكشەنبە ; 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 07-كۈنى ……
ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ روسىيەدە قولغا ئېلىشغا قارشى نامايىشىدا مىڭلىغان كىشى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، موسكۋادىكى تۈرمىلەر توشۇپ كەتكەن ئىكەن.
مەھبۇسلار يېمەك-ئىچمەك، سۇ ۋە تازىلىق ئۆيىگە كىرەلمەيدىغانلىقىنى ھەتتا بەزى نامايىشچىلار ئادۋوكاتلىرىغا ئۇلىشىش قىيىنچىلىق بارلىقىنى ئېيتتى.
ئالدىنقى ھەپتە روسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بولۇپمۇ سانت پېتىربۇرگدىكى نامايىشتا 11 مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچى قولغا ئېلىنغان.
پايتەخت موسكۋانىڭ تۈرمىلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سوتنىڭ ھۆكۈمى سەۋەبىدىن تېزلىكتە تولدى.
مېدۇزا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە ، 972 كىشى موسكۋادىكى نامايىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان بولۇپ ، سوتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن بۇ ساننىڭ كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن.
كېرمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ موسكۋادىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنىڭ مەھبۇسلار بىلەن تولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ، ئەمما نامايىشچىلارنى بۇ مەسىلە بىلەن ئەيىبلىدى.