مەنبە: trthaber
دۈشەنبە ، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى……
خىتايدا ئەنگلىيەنىڭ «‹ BBC World News› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ پىروگرامما تارقىتىشى چەكلەندى.
خىتاينىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تېلېۋىزىيەسى (CGTN) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، «‹ BBC World News› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ بىر قىسمىدا «ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش ۋە بىتەرەپلىك پىرىنسىپى» غا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك رائاب، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، «‹ BBC World News› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ پىروگرامما تارقىتىشىنى چەكلەش قارارىنى، «ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان شەكىلدە چەكلەش» دەپ ئاتىدى.
خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئاخبارات ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىگە ئەڭ قاتتىق چەكلىمە قويۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن راب، بۇ ئاخىرقى قەدەمنىڭ، خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈشتىن باشقا ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، خىتاينىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئاخبارات «‹ BBC World News› تېلېۋىزىيە قانىلى» نى چەكلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى، قاتتىق ئەيىبلىدى، ھەمدە بېيجىڭنى ئىنتېرنېت ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا چەكلىمە قويماسلىققا چاقىردى.
ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى Ofcom، 4 – فېۋرال كۈنى، خىتاينىڭ ئىنگلىز تىلىدا تارقىتىش بېرىدىغان (CGTN) تېلېۋىزىيەسنىڭ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلغانىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئەنگلىيەنىڭ CGTN تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىشىنى «قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيە» دەپ ئاتاپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى «خاتالىقىنى تۈزىتىش» كە چاقىرغانىدى.