مەنبە : trthaber / aa
سەيشەنبە، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ……
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى 17-18-فېۋرال كۈنلىرى توردا يىغىن ئۆتكۈزىدۇ. ئافغانىستاننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى بولىدىغان يىغىندا ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى ۋەزىپىسىنى كېڭەيتىش ۋە خىتاي ۋە روسىيەگە مۇناسىۋەتلىك تەرەققىياتلارمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ يىغىندىن ئىلگىرى: «بىز ئافغانىستاننىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بازىسىغا ئايلىنىشىغا يول قويمايمىز» دېگەن بايانات ئېلان قىلدى.
ستولتېنبېرگ مىنىستىرلارنىڭ ئىراقتىكى ش ئا ئە ت ۋەزىپىسىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يىغىندا مۇداپىئە تېخنىكىسىدىكى يېڭىلىقلار ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىستراتېگىيىلىك ئۇقۇمى، كېلىمات ئۆزگىرىش مەسىلىسىى، خىتاي ۋە روسىيەگە مۇناسىۋەتلىك تەرەققىياتلار باھالىنىدۇ.