مەنبە : Mepa News / Euronews
چارشەنبە؛ 2021-يىل 2-ئاينىڭ 17-كۈنى……
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ ۋاشىنگتون بىلەن تۆت يىل جىددىيلىشىشتىن كېيىن ، ئىتتىپاقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىسلاھات پىلانىنى ئېلان قىلماقچى.
دونالد ترامپ پرېزىدېنت بولغان مەزگىلدە ۋاشىنگىتون بىلەن ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن كېيىن ، ستولتېنبېرگ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلدە زامانىۋىلاشتۇرالايدىغان سەككىز ساھەنى ئېنىقلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بۇ يىل ئاخىرىدا بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان باشلىقلار يىغىنىدا تىرامپنىڭ ۋارىسى جو بايدىننى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى كۈچلۈك قوللاشقا قايىل قىلىش مەقسەت قىلىنغان.
ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار رېيتېر ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە ، بۇ تەكلىپلەرنىڭ ئىچىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي، ئاساسلىق ئىستراتېگىيىلىك ھۆججىتى «ئىستراتېگىيىلىك ئۇقۇم» نىڭ يېڭىلىنىشى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ھۆججەتتە يەنە خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي ئىقتىدارى ۋە روسىيەنىڭ ئىستراتېگىيىلىك رىقابىتىنى كۆزدە تۇتۇلغان يېڭى سىياسەتنىڭ سىگنالى ئىكەن.
ستولتېنبېرگ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ تاشقى ئىشلار ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىلىرىدىن دائىم ئۇچرىشىشنى سورىماقتا.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «مېڭە ئۆلۈمى» تالاش-تارتىشى
فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ، 2019-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى «مېڭە ئۆلۈمى بىلەن ياشايدۇ» دېيىشى ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەردە تالاش-تارتىش قوزغىدى.
ستولتېنبېرگ دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 2030» ئىسلاھات مۇساپىسىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كۈچەيتىشتە ئۆزگىچە پۇرسىتىمىز بار».
ستولتېنبېرگ يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى يۈكنى بۆلۈشۈش ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى ئۆمىكى ، مۇداپىئە چىقىمى ۋە تۆھپىسىنى ئاشۇرۇش ، ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە ۋە تېخنىكىنىڭ ئورنى ، مۇداپىئە تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىستراتېگىيىلىك ئۇقۇمى ، سىياسىي ماسلىشىشنى ئاشۇرۇش ، كېلىمات ئۆزگىرىشى، خىتاي ۋە روسىيە قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.