مەنبە : TRT Haber
چارشەنبە؛ 2021-يىل 2-ئاينىڭ 17-كۈنى….
ياۋروپا ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ، خىتاي ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ، ياۋروپا بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلانغان.
بۇ مەزگىلدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولغان ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى سودا سېتىقى تۆۋەنلەشكە باشلىدى.
ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا مىقدارى 2019-يىلدىكى 746 مىليارد دوللاردىن 2020-يىلى 671 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالدى.
ياۋروپا-خىتاي سودا مىقدارى 696 مىليارد دوللار
خىتاي بولسا ئۆتكەن يىلى بىرىنچى پەسىلنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودىدا زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (Eurostat) نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت مىقدارى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا% 5.6، ئېكسپورتى % 2.2 ئاشقان. سودا مىقدارى 696 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
شۇڭا ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا شېرىكلىرى تىزىملىكىدە خىتاي بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.
داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە بولغان كۈچلۈك ئېھتىياج خىتاينىڭ ياۋروپاغا ئېكسپورتىنى ئاشۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
كۆزلەر بايدىن ھۆكۈمىتىدە
ترامپ دەۋرىدىكى پولات بېجىنىڭ كۆپىيىشى، ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سودا مەسىلىسى ۋە بەزى تاموژنا بېجى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودىسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى.
ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا بىلەن بولغان سودا مەسىلىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىمۇ قىزىقارلىق مەسىلە.