مەنبە: Kırım Haber Ajansı / Mepa News
چارشەنبە، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ……
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباس رايونىنى ئىشغال قىلغان روسىيە قوللىغان قوراللىق كۈچلەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە داۋاملىق خىلاپلىق قىلدى.
دونباس رايونىنى ئىشغال قىلغان روسىيە قوراللىق كۈچلىرى گەرچە كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا قارىماي ، ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا.
ئۇكرائىنا ئارمىيىسى ئېلان قىلغان باياناتتا ، «ئىشغالىيەتچى كۈچلەر 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە ئاز دېگەندە 16 قېتىم ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلدى» دېيىلدى. ئىگىلىنىشىچە ، روسىيەنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ، ئىككى كۈن ئىچىدە ئىككى ئۇكرائىنا ئەسكىرى قازا قىلغان ، 3 ئەسكەر يارىلانغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە ، روسىيە قىسىملىرى قول بومبىسى ، كىچىك قوراللار ، 82 مىللىمېتىر ۋە 120 مىللىمېتىرلىق كالىبېرلىق مىناميوت ۋە چوڭ كالىبېرلىق ئاپتومات بىلەن ھۇجۇم قىلغان.