مەنبە: Mepa News
چارشەنبە، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ……
ئىراننىڭ شەرقىدىكى بالۇچىستاندىكى كىشىلەر ئىران ھاكىمىيىتىگە قارشى نامايىش ئېلىپ باردى.
يەرلىك مەنبەلەردە خەۋەر قىلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بالۇچىستاننىڭ سېراۋان شەھىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ ئىراننىڭ بېلۇچ سودىگەرلىرىگە قارىتىپ ئوق چىقىرىشىغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى.
بېلۇچ خەلقى بۇ رايوندىكى ئىران ئىنقىلابى قوغدىغۇچىلىرىغا تەۋە ھەربىي لاگېرنى قورشىۋېلىپ ۋالىي بىناسىغا بېسىپ كىردى. ئىران ھاكىمىيىتىگە تەۋە بىر قىسىم ساقچى ماشىنىلىرى ۋە بىنالارغا ئوت قويۇلدى.
ئىران ئەسكەرلىرى بېلۇچ سودىگەرلەرگە قارىتىپ ئوق چىقاردى
ئىران چېگرا ئارمىيىسى پاكىستان چېگراسىغا يېقىن رايوندا يېقىلغۇ سودىسى بىلەن جان باقىدىغان بېلۇچ سودىگەرلىرىگە قارشى ئوق چىقارغان بولۇپ كەم دېگەندە 10 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە بىردىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىنغان.
يەرلىك مەتبۇئاتلاردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، ئىران چېگرا قىسىملىرىنىڭ پاكىستاننىڭ پەنجۇر رايونىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە نېمە ئۈچۈن بېلۇچ سودىگەرلىرىگە قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقى نامەلۇم. مەنبەلەر ئىران كۈچلىرىنىڭ سودىگەرلەرگە قالايمىقان ئوق چىقارغانلىقىنى كۆرسەتتى.
بۇ رايوندىكى مىڭلىغان كىشى ئىران-پاكىستان چېگرا رايونىدىكى يېقىلغۇ سودىسىدىن تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. رايوندىكى بۇ سودىغا قاتناشقان نۇرغۇن كىشىلەر پاكىستان ۋە ئىران كۈچلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ تۇردۇ.
ئىراننىڭ سۈننىي بالۇچلارغا قاراتقان سىياسىتى
ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ سۈننىي بېلۇچقا قاراتقان سىياسىتىمۇ كۆرۈنەرلىك نۇقتىدا. بېلۇچ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى دوكلات قىلغان ئۇچۇرغا قارىغاندا ، 2020-يىلى 12-ئايدىن 2021-يىلى 1-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ، جەمئىي 19 بېلۇچ ئىران ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان. ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ يېشى 25 ياشتىن 45 ياشقىچە بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 70 ياشلىق مەھبۇسمۇ بار ئىكەن.
پائالىيەتچىلەر يەنە ئىران ئىجرا قىلغان بالۇچىسنىڭ «جىنايىتىنى ئىقرار قىلىش» ئۈچۈن قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىنى دوكلات قىلدى.