مەنبە: Şarku’l Avsat / Paris
يەكشەنبە، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ……
24- چىسلا فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان يىۋېس لې درىئان بۈگۈن سىن يىغىنى ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدە ، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم» رايونىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «تۈزۈم بېسىمى» نى ئەيىبلىدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، فرانسىيە مىنىستىرى مۇنداق دېدى: «بىز خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئادالەتسىز قىلمىشلىرى ، شۇنداقلا كەڭ تارقالغان تۈزۈم بېسىمى ۋە تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھنامە ۋە ھۆججەتلەرگە ئېرىشتۇق.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئاز دېگەندە بىر مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى لاگېرلاردا مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىق بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى ئورنىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
بېيجىڭ بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇزۇن مۇددەت رەت قىلغاندىن كېيىن ، ئۆزلىرىنىڭ ياشلارنى رادىكاللىق ۋە تېرورلۇقتىن يىراقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.