مەنبە: Mepa News
سەيشەنبە، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ….
مەلۇم بولۇشىچە ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى بىنا ۋە ماشىنىلارغا ئاجرىتىپ بەرگەن 7 مىليارد 500 مىليون دوللار پۈتۈنلەي ئىسراپ بولۇپ كەتكەن.
ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش باش ئىدارىسى (SIGAR) بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا ، 2008-يىلدىن باشلاپ ، ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى بىنا ۋە ماشىنىلارغا 7 مىليارد 800 مىليون دوللار خەجلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا پەقەت 343 مىليون 200 مىڭ دوللارلىق بىنا ۋە ماشىنىنىڭ ياخشى ھالەتتە ساقلىنىپ قالغانلىقىنى، 7 مىليارد 500 مىليون دوللار بولسا تاشلىۋېتىلگەن ياكى ۋەيران قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.
مۇتەخەسسىسلەر زىياننىڭ كابۇل ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىكلىكى ۋە تالىبانلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىنى ئاساس قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوھا كېلىشىمى ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى تالىبان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان. كېلىشىمگە ئاساسەن ، ئامېرىكا 2021-يىلى مايغىچە دۆلەتتىن چېكىنىشى كېرەك.