خەلقئارا خەۋەرلەرياۋروپا

شىۋىتسارىيەدە ھىجاب ۋە چۈمبەلنى چەكلەش تەكلىپى ئوتتۇرغا قويۇلدى

مەنبە:   Mepa News  /  Euronews

شەنبە، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ….

شىۋىتسارىيەلىكلەر يەنە Covid-19 غا قارشى تۇرۇشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ياۋروپادىكى ھەممە ئادەم دېگۈدەك ماسكا تاقاۋاتقان بىر پەيتتە ، يۈزنى يېپىپ تۇرىدىغان چۈمبەلنى چەكلەش تەكلىپىنى بېلەت تاشلايدۇ.

Euronews نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا ، يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان رېفېراندۇم يۈزنى يېپىپ تۇرىدىغان چۈمبەلنى چەكلەش تەكلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ تەكلىپنى تەنقىد قىلغۇچىلار مۇنداق دېدى: ياۋروپادىكى ھەممە ئادەم يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتا يۈزنىڭ بىر قىسمىنى يېپىپ تۇرىدىغان ماسكا ئىشلەتكەن ۋاقىتتا چۈمبەلنى چەكلەش كۈلكىلىك بىر ئىش . بۇ قارارنىڭ مۇسۇلمانلارنى چەتكە قېقىش بىلەن بارەر ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

بۇ چەكلىمىنى قوللايدىغان ئاۋامچىلار ۋە ئوڭ قانات گۇرۇپپىلار بۇقارارنىڭ ئاياللارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button